ئەردوغان ئادانا تەنتەربىيە سارىيىدا 81 ۋىلايەتتىن كەلگەن ياشلار بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە قولغا كەلتۈرگەن ھەر بىر مۇۋەپپەقىيەتنىڭ ياشلارنىڭ پەزىلەتلىك كۈرەشلىرى سايىسىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1830267
ئەردوغان ئادانا تەنتەربىيە سارىيىدا 81 ۋىلايەتتىن كەلگەن ياشلار بىلەن كۆرۈشتى
erdogan adana'da genclerle bulustu.jpg
erdogan adana'da genclerle bulustu.jpg
erdogan adana'da genclerle bulustu.jpg
erdogan adana'da genclerle bulustu.jpg
erdogan adana'da genclerle bulustu.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يېڭى ئادانا تەنتەربىيە سارىيىدا 81 ۋىلايەتتىن كەلگەن ياشلار بىلەن كۆرۈشتى.

ئەردوغان سۆزلىگەن نۇتۇقىدا بۇ ياشلارنىڭ تۈركىيەنى نىشانىغا يەتكۈزىدىغان ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، 2016-يىلى 15- ئىيۇلدىكى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشىدا ياشلارنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان: «تۈركىيە زۆرۈر تېپىلغاندا يەتتە دۆلەتكە جەڭ ئېلان قىلىش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ھەر بىر مۇۋەپپەقىيەت ياشلىرىمىزنىڭ مانا بۇ ئېسىل خىسلەتلىرى بىلەن نامايان قىلغان پەزىلەتلىك كۈرەشلىرى ۋە شەرەپلىك مەيدانى سايىسىدە ئىشقا ئاشتى» دېدى ۋە بارلىق تەسەۋۋۇرلارنى ياشلار بىلەن بىرگە  قۇرغانلىقىنى، نىشانلارنى ياشلار بىلەن بىرگە بەلگىلەپ، بارلىق تەييارلىقلارنى بۇنىڭغا ماس ھالدا ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئۇنىۋېرسىتېت، ئوتتۇرا مائارىپ، مائارىپ ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق جەھەتلەردە كەلگۈسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە تولدۇرغان ھالدا ياشلارغا تەييارلاۋاتىمىز» دېدى.

دۆلەتتە ھەممەيلەننى تەشنا بولغان ھەق – ھوقۇق ۋە ئەركىنلىككە ئېرىشتۇرگەنگە ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك كۈرەش قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: «بىز تۈركىيەنى ئۆزىنىڭ نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىتىۋاتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانلىرىمىزنىمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز، تەسەۋۋۇرلىرىمىزنىمۇ سىلەر بىلەن بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى.

ئەردوغان ئادانادا 81 ۋىلايەتتىن كەلگەن ياشلار بىلەن قېرىنداشلىق ئۇچۇرى بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ، «ياشلىرىمىزنىڭ ئارىسىغا ئىختىلاپ تىرىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر