تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى ئىراقنىڭ شىمالىدا 3 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى
بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزاسى 3 تېررورچى ئىراقنىڭ شىمالىدا ئۇجۇقتۇرۇلدى.
1830368

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، «تېررورچىلارنىڭ بوينى مەھمەتچى ئەسكەرلىرىمىزنىڭ چاڭگىلىدا تۇرماقتا. ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشىمىز قەتئىي ئىرادە ۋە جاسارات بىلەن داۋاملاشماقتا. پەنچە يولۋاس ھەرىكىتى رايونىدا، مەھمەتچى ئەسكەرلىرىمىزگە ئوق چىقارغان 3 نەپەر پ ك ك تېررورچىسى ياردەمچى ئاپتوموتىك قوراللىرىمىزنىڭ ئوققا تۇتىشى بىلەن ۋاقتىدا ئۇجۇقتۇرۇلدى» دېيىلدى.