تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 12 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئەزاسى 12 تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلدى.

1830272
تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى سۈرىيەنىڭ شىمالىدا 12 تېررورچىنى ئۇجۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تېررورچىلارنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ۋە زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى رايونىغا ئۇق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، «تېررورچىلارغا قارشى كۈرىشىمىز ئۈنۈملۈك ۋە قەتئىي ھالدا داۋام قىلماقتا. سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ۋە زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى رايونىغا قارىتىپ ئوق چىقاغان 12 نەپەر پ ك ك/ي پ گ تېررورچىسى تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىمىز تەرىپىدىن بىرتەرەپ قىلىندى» دېيىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر