تۈركىيە گرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسىدۇر

گرۇزىيە دائىرىلىرى تۈركىيەنىڭ گرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى، شۇنداقلا ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىشنى كۈچلۈك قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1830283
تۈركىيە گرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گرۇزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىي تور بېتىدە 1992-يىلى 5-ئاينىڭ 21-كۈنى تۈركىيە بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلغانلىقى تەكىتلەندى.

باياناتتا، تۈركىيەنىڭ 1991-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى گرۇزىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، گرۇزىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى دۆلەتكە ئايلانغانلىقى شۇنداقلا «1992-يىلى 30-ئىيۇلدا دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ياخشى قوشنىدارچىلىق كېلىشىمى» ئىمزالانغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دىپلوماتىك مۇناسىۋەت قايتا ئورنىتىلغاندىن كېيىن، 1994-يىلى گرۇزىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، شۇ يىلى يەنە ترابزوندا ۋە 1988-يىلى ئىستانبۇلدا باش كونسولخانا ئېچىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

باياناتتا، «گرۇزىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىقى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقتۇر، سىياسەت، سودا-ئىقتىساد، سەھىيە، ئۇل ئەسلىھە مەدەنىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ساھەلىرىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلماقتا» دېيىلدى.

باياناتتا يەنە، تۈركىيە بىلەن گرۇزىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا يۇقىرى قاتلاملىق زىيارەتلەر ئارقىلىق ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «دۆلىتىمىزنىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكى بولغان تۈركىيە گرۇزىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ كۈچلۈك قوللىغۇچىسىدۇر، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، تۈركىيە گرۇزىيەنىڭ ياۋرو-ئاتلانتىك ئوكيان نىشانلىرىنىمۇ قوللاپ قۇۋۋەتلىمەكتىدۇر» دېيىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر