شىمالىي ئىراقتىن قايغۇلۇق خەۋەر كەلدى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.
1829987

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مەتىنا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، بىر ئەسكەر پارتلاتقۇچقا دەسسەپ سېلىپ يارىلانغان ۋە دوختۇرخانىدا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، شېھىت بولغان.