ئەردوغان 19-ماي كۈنىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى تارقاتتى.

1829199
ئەردوغان 19-ماي كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تارقاتقان تەبرىك تېلېگراممىسىدا، تۈرك ياشلىرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىگە ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇ تەبرىك تېلېگراممىسىدا، غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك تۈرك ياشلىرىغا سوۋغا قىلغان 19-ماي كۈنىنىڭ، خەلقنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسى ۋە سۆيگۈسىنىڭ دۇنياغا جاكارلانغانلىقى ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش روھىنىڭ قايتىدىن جانلانغان كۈنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ 1919-يىلى 19-ماي تۈرك خەلقىنىڭ مۇستەملىكىچى ئىشغال كۈچلىرىگە قارشى زىچ ئىتتىپاقلىشىپ ئورنىدىن دەس تۇرغانلىقىنى، ئاخىرقى ۋە ئەبەدىي دۆلەت بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، تىللاردا داستان بولغان قەھرىمانلىقلارنى نامايان قىلىپ، ئاخىرىدا مۇقەددەس غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز بۈگۈنكى كۈنلەردىمۇ تارىخىمىزدىن ھاسىل بولغان مۇستەقىللىق كۈچى ۋە روھى بىلەن كەلگۈسىگە قاراپ مېڭىۋاتىمىز، تۈركىيەنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىقتىسادىي ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقچى بولغانلارغا قارشى توختىماي كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە بەرپا قىلىش ھاياجېنىمىزنى ئىزچىل جانلىق تۇتۇش بىلەن بىرگە، بۇ يولدىكى ئەڭ مۇھىم يوشۇرۇن كۈچىمىز سۈپىتىدە قارىلىدىغان ياشلىرىمىزنى ھەر ساھەدە قوللايمىز ۋە ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىمىز.»

ئۇ: «مىللىي ئاڭ ۋە كۈچلۈك خاراكتېرگە ئىگە ياشلىرىمىز ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز. تۈركىيەدە مائارىپتىن تەنتەربىيەگىچە، خەۋپسىزلىكتىن سىياسەتكىچە، سودىدىن سەنئەتكىچە بولغان ھەر ساھەنىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە ياشلارنى كۆرگەنلىكىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. دۆلىتىمىزنىڭ 2023-يىللىق نىشانلىرى ۋە 2053-يىللىق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا داۋاملىق ياشلىرىمىز بىلەن بىللە ماڭىمىز. بۇ قاراشلار بىلەن، 19-ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلىق ۋە تەنتەربىيە بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋە ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ بارلىق قەھرىمانلىرىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر