خۇلۇسى ئاقار كوسوۋۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئارمېند مېخاجنى كۈتۈۋالدى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار كوسوۋۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئارمېند مېخاج بىلەن كۆرۈشتى.

1829059
خۇلۇسى ئاقار كوسوۋۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئارمېند مېخاجنى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار پايتەخت ئەنقەرەدە رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان كوسوۋۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئارمېند مېخاجنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىدە ھەربىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالدى.

مېخاج مۇراسىم ئەترىتىگە سالام بېرىپ، شەرەپ دەپتىرىگە ئىمزا قويغاندىن كېيىن، ئىككى مىنىستىر ئايرىم سۆھبەتلەشتى.

رايون خاراكتېرلىق مۇداپىئە، بىخەتەرلىك، مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىقى ۋە ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلغان ئۇچرىشىشتا، مىنىستىر ئاقار ئورتاق تارىخىي ئۆتمۈشى ۋە ئورتاق قىممەت قاراشلىرىغا ئىگە تۈركىيە بىلەن كوسوۋۇ ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر