ئوكتاي تۈركىيەلىك ۋە ئالجىرىيەلىك ئالىملارنى ھەمكارلىشىشقا چاقىردى
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس فۇئات ئوكتاي تۈركىيەلىك ۋە ئالجىرىيەلىك ئالىملارنى بىرلىكتە ئويلىنىش، لايىھىلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چاقىردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئوكتاي، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىدا، ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇنغا پەخرىي دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە، ئىككى دوست ۋە قېرىنداش دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن 500 يىل بۇرۇنقى دەۋرگىچە سوزۇلىدىغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇدا 60 يىلدىن بۇيان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالجىرىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا سودا، مەبلەغ سېلىش، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە كۈچلۈك ھەمكارلىقنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ دوستانە دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت دىپلوماتىيەسى پۇرسەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەلىك ۋە ئالجىرىيەلىك ئالىملارنى بىرلىكتە ئويلىنىش، لايىھىلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا چاقىرىمەن. كېلىڭلار! ئىجتىمائىي پەنلەردىن سىرت يەنە، بۆسۈش خاراكتېرلىك تېخنولوگىيەلەر، ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار، پاراخوت ۋە دېڭىز-ئوكيان تېخنولوگىيەسى، يېشىل تېخنولوگىيەلەر ۋە دىگىتاللىشىش قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە بىرلىكتە يېڭىلىق يارىتايلى.»
ئۇ، بۇ ئىرادىنى كونكرېت نەتىجىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەم بېرىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.