ئالتۇن: ئەردوغاننىڭ باشلامچى دىپلوماتىيەسى سايىسىدا تۈركىيە كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باشلامچى دىپلوماتىيەسى سايىسىدا تۈركىيە ۋە ھەرقايسى ئورگانلىرىنىڭ كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1828133
ئالتۇن: ئەردوغاننىڭ باشلامچى دىپلوماتىيەسى سايىسىدا تۈركىيە كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالتۇن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، پايتەخت ئەنقەرەدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئالجىرىيە پىرېزىدېنتى ئابدۇلمەجىد تەببۇننىڭ ھۇزۇرىدا،  تۈركىيە – ئالجىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينايدىغان كانچىلىق، مۇھىت ئاسراش، مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردە نۇرغۇن كېلىشىملەرنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى، بۇ كېلىشىملەردىن بىرىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇچۇر - ئالاقە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى، ھەمدە بۇ كېلىشىملەرنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن دۇنيا كرىزىسكە دۇچ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە، دۆلىتىمىز باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئىمزالىغان بۇ كېلىشىملەر جۇمھۇر رەئىسمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىكى سايىسىدا ئىشقا ئاشماقتا. دەرۋەقە، جۇمھۇر رەئىسمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان  باشلامچى دىپلوماتىيە سىياسىتى، ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش نۇقتا قىلىدىغان پىرىنسىپلىق دىپلوماتىيە سىياسىتى بولۇپ، بۇنىڭ سايىسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى تۇرغۇزغان ئىشەنچ نەتىجىسىدە ئىمزالانغان بۇ كېلىشىملەر ئارقىلىق ھەم دۆلىتىمىز ھەمدە ھەرقايسى ئورگانلىرىمىز كۈنسېرى قۇدرەت تېپىۋاتىدۇ، بۇ بولسا ئەزىز خەلقىمىزگە قوشۇلغان قىممەت سۈپىتىدە ئەكس ئېتىۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر