ئەردوغان ئەننەھياننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەبۇ زەبىگە تەزىيە زىيارىتىگە باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سابىق ئەمىرى شەيخ خەلىفە بىن زايىد ئەننەھياننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەبۇزەبىگە يېتىپ باردى.

1828453
ئەردوغان ئەننەھياننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەبۇ زەبىگە تەزىيە زىيارىتىگە باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەبۇ زەبىدە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت باشلىقى ۋە ئەبۇ زەبى ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن  بىر يەرگە جەم بولدى.

 ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سابىق دۆلەت باشلىقى شەيخ خەلىفە بىن زايىد ئەننەھيان ئۆتكەن جۈمە كۈنى ۋاپات بولغانىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەبۇ زەبى ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، تەزىيە بىلدۈرگەنىدى.

تەزىيە زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە يېتىپ بارغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى، ئەبۇ زەبى خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ يېڭى دۆلەت باشلىقى مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان قارشى ئالدى.

ئەردوغان، ئايرودۇرۇمدا بىر يەرگە جەم بولغان ئەننەھيانغا، سابىق دۆلەت باشلىقى شەيخ خەلىفە بىن زايىد ئەننەھياننىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە تىلەكلىرىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كېيىنچە مۇھەممەد بىن زايىد ئەننەھيان بىلەن ئايرىم  كۆرۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر