تۈركىيە ئافغانىستاندا مەكتەپ مۇدىرىغا قىلىنغان  ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئافغانىستاننىڭ قانداخار ۋىلايىتىدىكى تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتىگە تەۋە ئاينو مېنا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

1827336
تۈركىيە ئافغانىستاندا مەكتەپ مۇدىرىغا قىلىنغان  ھۇجۇمنى قاتتىق ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، قەندىھاردىكى تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتىگە تەۋە ئاينو مېنا باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىنىڭ شەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇم سەۋەپىدىن قازا قىلىغانلىقىدىن قاتتىق ئازابلىنىش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، «ئافغانىستاننىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا زور تۆھپە قوشۇۋاتقان تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتى مەكتىپىنىڭ مەسئۇلىغا قارىتىلغان بۇ قەبىھ ھۇجۇمنى قاتتاق ئەيىبلەيمىز. جىنايەتچىلەرنىڭ بالدۇرراق قولغا ئېلىنىشىنى ۋە سوتقا تارتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، مەرھۇم  مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرغا ئاللاھتىن رەھمەت تېلەش بىلەن بىرگە مەرھۇمنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا ۋە قېرىنداش ئافغانىستان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر