شىمالىي ئىراقتا توققۇز تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى
شىمالىي ئىراقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ توققۇز ئەزاسى بىر تەرەپ قىلىندى.
1827516

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شىمالىي ئىراقتا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا: «شىمالىي ئىراقتىكى تېررورىستلارنى ئۇۋىلىرىدا يوقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمىز. <1-پەنجە> ھەرىكىتىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ تۆت ئەزاسى، <پەنجە كىلىت> ھەرىكىتىدە ئۈچ ئەزاسى، <پەنجە يولۋاس ھەرىكىتى> رايونىدا ئىككى ئەزاسى، جەمئىي توققۇز تېررورىست يوقىتىلدى. قەھرىمان ئالاھىدە زەربىدار قىسىملىرىمىزنىڭ ھەرىكەتلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك داۋاملىشىۋاتىدۇ» دېيىلدى.