ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رىزە - ئارتۋىن ئايرودۇرۇمىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1826995
ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن رىزە – ئارتۋىن ئايرودۇرۇمىنى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى جەريانىدا يېپىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىر مېھمانخانىدا يېپىق خىزمەت زىياپىتىگە قاتناشتى، ئارقىدىن ئايرودۇرۇمغا كەلگەن ئەردوغان مېھمان پىرېزىدېنتنى بۇ يەردىن يولغا سېلىپ قويدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر