ئەردوغان: دىگىتال فاشىزم مىلياردلارچە ئىنسان ئۈچۈن تەھدىتكە ئايلاندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان دىگىتال فاشىزمنىڭ بۈگۈنكى كۈندە مىلياردلارچە ئىنسانلارنىڭ توغرا ۋە تەرەپسىز خەۋەرلەرگە ئېرىشىش ھوقۇقىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تەھدىتكە ئايلانغانلىقىنى ئېيتتى.

1826901
ئەردوغان: دىگىتال فاشىزم مىلياردلارچە ئىنسان ئۈچۈن تەھدىتكە ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن 4 – نۆۋەتلىك تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئۇچۇر ئىشلىرىغا مەسئۇل مىنىستىرلار ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر  يىغىنىغا سىنلىق تېلېگرامما يوللىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېلېگراممىدا، تۈرك دۇنياسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇلتۇر تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلىكتە دۆلەتلەر ئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزگەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئارقىلىق سىياسەتتىن مائارىپقىچە، ئىقتىسادتىن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىغىچە بولغان نۇرغۇن ساھەدە يېڭى دەۋرنىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈردۇق.»

ئۇ، ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە  ئۇچۇر - ئالاقە مەسىلىلىرىنىڭ، ئاممىۋى تاراتقۇلار ئارقىلىق تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشقا قارشى كۈرەش، سىياسىي ۋە ئاممىۋى ھاياتنىڭ مەۋجۇدىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتىن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «قاراباغ ئۇرۇشى جەريانىدا بىز شاھىت بولغان يالغانچىلىق ۋە تۆھمەتلەر، بىزگە ھەم بۇ مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى، ھەمدە بىزنىڭ كۈچلىرىمىزنى بىرلەشتۈرۈشىمىزنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ئۇرۇش پەقەت ساھەدىلا ئېلىپ بېرىلمىدى، بەلكى يازما ۋە كۆرۈنۈشلۈك تاراتقۇلاردىن تارتىپ ئاممىۋى تاراتقۇلارغىچە بولغان نۇرغۇن ساھەلەردە ئۇدا 44 كۈن كەسكىن كۈرەش ئېلىپ بېرىلدى. بىز باشتىن كەچۈرگەن ئاچچىق ساۋاقلارنىڭ يورۇقىدا، ھەممىمىز بۇ ھەقىقەتنى ناھايىتى ئېنىق كۆرۈۋاتىمىز: دېموكراتىيەدىكى <تۆتىنچى كۈچ> دەپ تەسۋىرلىنىدىغان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، مەلۇم كۈچلەرنىڭ، مەلۇم يەرشارىۋى شىركەتلىرىنىڭ ۋە يامان غەرەزلىك جەمئىيەتلەرنىڭ قولىدا، ھەقىقەتنى بۇرمىلايدىغان، ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ، تەتۈر تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان كونترول قىلىش قورالىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. دىگىتال فاشىزم بۈگۈنكى كۈندە مىلياردلارچە كىشىلەر ئۈچۈن توغرا ۋە تەرەپسىز خەۋەرلەرگە ئېرىشىش ھوقۇقىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان تەھدىتكە ئايلىنىپ قالدى.»

يالغانچىلىق، تۆھمەت قىلىش ۋە بۇرمىلاش قىلمىشلىرى ھەممە ياقنى قاپلاپ كەتكەن بۇ تاراتقۇلاردا ھەقىقەتنى ئىزدەش ۋە ھەقىقەتنى قوغدىغۇچى بولۇشنىڭ تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان ئەردوغان،  شۇ ۋەجىدىن،  ئۇچۇر - ئالاقە مەسىلىسىگىمۇ، كەم دېگەندە دۆلەت مۇداپىئەسى، بىخەتەرلىك ۋە سەھىيەگە ئوخشاشلا ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر مەسىلە، دەپ قارايدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر