چاۋۇشئوغلۇ ناتو باش كاتىپى بىلەن تېلېفونلاشتى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1826859
چاۋۇشئوغلۇ ناتو باش كاتىپى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى، ئەمما تېلېفون سۆھبىتىنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تۈنۈگۈن، ئىستانبۇلدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى باسقۇچى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەنىدى: «بىز نۆۋەتتە شىۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىۋاتىمىز. ئەمما بىز بۇ ھەقتە ئىجابىي قاراشتا ئەمەسمىز. ئىلگىرى، بىزدىن بۇرۇنقى ھۆكۈمەتلەر گىرېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقى مەسىلىسىدە خاتا قىلدى. گىرېتسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى دەستەك قىلىپ، تۈركىيەگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيەىسى سىلەرگىمۇ ئايان. تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ جەھەتتە ئىككىنچى قېتىم خاتالىق سادىر قىلىشنى خالىمايمىز. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، سكاندىناۋىيە دۆلەتلىرى گويا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مېھمانخانىسىغا ئوخشايدۇ. PKK مۇ، DHKPC مۇ ئاشۇ دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىدىنمۇ ئورۇن ئالماقتا، شۇڭا، بىزنىڭ فىنلاندىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش باسقۇچىغا ئىجابىي قارىشىمىز مۇمكىن ئەمەس.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر