ئەردوغان: ئەنەھيانغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمەن

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت باشلىقى شەيخ خەلىفە بىن زايىد ئەننەھيانغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلىدى.

1826634
ئەردوغان: ئەنەھيانغا ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەيمەن

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىستانبۇلدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە مۇناسىۋەتلىك سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە،  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دۆلەت باشلىقى شەيخ خەلىفە بىن زايىد ئەننەھياننىڭ ۋاپاتى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەھبىرى ئەننەھياننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى. بۈگۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا سەپەر قىلدى. ئاللاھ رەھمەت قىلغاي.»

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى رەسمىي ئاگېنتلىقى (WAM)، خەلىپىلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنى مەنبە كۆرسىتىپ قىلغان خەۋىرىدە، 74 ياشلىق ئەھنناھياننىڭ ۋاپات بولغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

مىنىستىرلىق تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە بۈگۈندىن ئېتىبارەن 40 كۈنلۈك ماتەم ئېلان قىلىنغانلىقى ۋە بايراقلارنىڭ يېرىم چۈشۈرۈلىدىغانلىقى، ھەرقايسى مىنىستىرلىقلاردا، دۆلەت ئورۇنلىرىدا ۋە خۇسۇسىي ساھەلەردە ئۇدا 3 كۈن پائالىيەتلەرنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۇنجى دۆلەت باشلىقى زايىد بىن سۇلتان ئەننەھياننىڭ چوڭ ئوغلى بولغان خەلىپە بىن زايىد، دادىسىنىڭ 2004 – يىلى ۋاپاتىدىن كېيىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر