تۈركىيەنىڭ پارىژدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى پ ك ك نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيەنىڭ فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىسى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرەپدارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
1826361

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر، تۈركىيەنىڭ پارىژ باش كونسۇلخانىسىغا شۇ جاي ۋاقتى 12-ماي كېچە سائەت 02:30 ئەتراپىدا، ئېتىلداق تىپىدىكى پارتىلاتقۇچلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى.
ھۇجۇمدا، باش كونسۇلخانىنىڭ دېرەزىلىرى ۋە سىرتقى تېمى زىيانغا ئۇچرىدى.
فىرانسىيە دائىرىلىرى ھۇجۇمنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن مۇناسىۋىتى بار گۇرۇھلار ئۆز ئۈستىگە ئالغان.