سوباجى: بىز ئىسلام ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىمىز

تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى (TRT) باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى «بىز ئىسلام ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىمىز» دېدى.

1826720
سوباجى: بىز ئىسلام ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تونۇشتۇرۇشتا «TRT Français» نىڭ ۋەزىپىسى ۋە ئىستىراتېگىيەسىنى ئىشتىراكچىلار بىلەن ئورتاقلاشقان  تۈركىيە رادىيو – تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى (TRT) باش مۇدىرى مەھمەت زاھىد سوباجى، «‹TRT Français › ت ر ت فىرانسۇزچەنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرىنىڭ، فىرانسۇز تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھەمدە ئافرىقا قىتئەسىدىكى كۈنتەرتىپلىرىنى، ت ر ت نىڭ ئىنساننى مەركەز قىلىدىغان خەۋەرچىلىك ئېڭىغا ئاساسەن  كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇنۇشتۇر. دۇنيا مىقياسىدىكى 300 مىليوندىن ئارتۇق كىشى سۆزلىشىدىغان بۇ تىلدىكى خەۋەرچىلىك، كۆپ خىللىق ۋە چوڭقۇرلۇق پىرىنسىپلىرى دائىرىسىدە ئىنسانلارغا يېڭى پىكىرلەر ۋە ئىشىكلەرنى ئېچىش، دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ. ۋەقەلەرنىڭ پەقەت بۈگۈنىنىلا ئەمەس، ئۆتمۈشنى ۋە كەلگۈسىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش ئۆزگىچىلىك ۋە ئاڭنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.»

«TRT Français» نىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېز سۈرئەتتە ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىسلام ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى  كۈرەش قىلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن سوباجى،  مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ‹TRT Français › نىڭ خەلقئارالىق تارقىتىش تورىمىزغا داخىل بولۇشى بىلەن بىرلىكتە، بولۇپمۇ ياۋروپانى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىسلام ۋە چەت ئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئاشۇرۇشقا تۆھپە قوشىمىز. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تۈركىيەنىڭ يەرشارىۋى ئىنسانپەرۋەرلىك سىياسەتلىرى ۋە خىزمەتلىرىنى چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايمىز. مەدەنىيەت - سەنئەت، تەنتەربىيە ۋە تارىخ ساھەلىرىدىكى مىسلىسىز بايلىقلىرىمىزنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە يەتكۈزىمىز. بىزنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىمىز، ئىشلەپچىقىرىشنى تەشۋىق قىلىش، ئۆزئارا چۈشىنىشكە زېمىن ھازىرلاش ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ۋاسىتە بولۇش ئۈچۈندۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر