چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى رايونلارنى جازادىن كەچۈرۈم قىلىشقا تەييارلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1826605
چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كونتىرول قىلمايۋاتقان رايونلاردا ئايرىمچىلىق قىلىۋاتىدۇ. بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/ي پ گ ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغان جايدا قارارلىرىنى ئىجرا قىلمايۋاتىدۇ. جازالارنىڭ ئىجرا قىلىنماسلىقى كۈنتەرتىپكە كېلىۋاتىدۇ. ئىدلىبتا مىليونلارچە ئۆي – ماكانلارىدىن ئايرىلىپ قالغان ئىنسانلار بار. بىز  كېسەك تاملىق ئۆيلەرنى ياساۋاتىمىز.  خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى قوللىشى كېرەك. ھالبۇكى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ رايونغا كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟  ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى قوللىسا، كۆچمەنلەر ئۆيلىرىگە تېخىمۇ بالدۇر قايتالايدۇ. ھېكىمگە مەسلىھەت سالماستىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى چىقىرىلغان قاراردۇر. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ خاتاي ۋىلايىتىدىن سۈرىيەگە ئەۋەتىلمەكتە. ئەھۋال مۇشۇنداق ئىكەن، رايوننىڭ سىرتتا قالدۇرۇلۇشى تولىمۇ مەنىلىكتۇر. بۇنىڭ سەۋەبىمۇ ھەممىگە ئايان، ئەلۋەتتە.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سىياسىي ئىشلار  مەسلىھەتچىسى ۋىكتورىيە نۇلاند،  تۈنۈگۈن، دۆلىتىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا، چەت ئەل شىركەتلىرىنىڭ سېلىنمىلىرىنى  ئېمبارگولاردىن كەچۈرۈم قىلىش ئىجازەتنامىسى بېرىشكە تەييارلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر