ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە تىرىشىۋاتىمىز
ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناسىر بۇرىتا ئۆزلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇرىتا بىلەن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ماراكەش شەھىرىدە 76 دۆلەت ۋە خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن «دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقلىق مىنىستىرلار يىغىنى» دىن كېيىن، قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.
ماراكەش تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇرىتا: «بىز ماراكەش پادىشاھى 6 - مۇھەممەد ۋە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن تۈركىيە بىلەن بولغان ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.
بۇرىتا مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ بىلەن بۇ دائىرىدە ھەمكارلىق مېخانىزمىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يېقىن كەلگۈسىدە تۈركىيەدە رەسمىي زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان گوللاندىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.