فاھرەتتىن ئالتۇن ژۇرنالىست ئاقىلەنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ مۇخبىرى شىرىن ئەبۇ ئاقىلەنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىنى ئەتراپلىق، ئوچۇق-ئاشكارە ۋە تېزدىن تەكشۈرۈپ، جاۋابكارنىڭ سوتقا تارتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى

1825705
فاھرەتتىن ئالتۇن ژۇرنالىست ئاقىلەنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك ئۇچۇر – ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن پەلەستىنلىك ژۇرنالىست ئاقىلەنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاققا جايلاشقان جەنىن پاماھلانغۇچىلار لاگېرىغا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرپوىدىن قىلىنغان ھۇجۇمنى تەقىپ قىلىۋاتقان پەيتتە، ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

ئاقىلەنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىدىن چوڭقۇر ئازابلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن فاھرەتتىن ئالتۇن، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە خىزمەتداشلىرىغا تەزىيە تېلەكلىرىنى يوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «خەلققە ۋە ھەقىقەتكە خىزمەت قىلىدىغان ژۇرنالىستلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىنىشى ھەر قانداق ئەھۋالدا قوبۇل قىلىنمايدۇ. مەن بۇ ۋەقەنىڭ ئەتراپلىق، ئاشكارا ۋە تېزرەك تەكشۈرۈلىشى ھەمدە جاۋابكارلارنىڭ سوتقا تارتىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە ھەممەيلەنگە چاقىرىقتا بولىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر