تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى قازاقىستاندىمۇ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ

قازاقىستانغا ئېكسپورت قىلىنىدىغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى — ئانقا، قازاقىستاندا قۇرۇلىدىغان زاۋۇتتا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ.

1825446
تۈركىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى قازاقىستاندىمۇ ئىشلەپچىقىرىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى ھەسسىدارلىق شىركىتى بايانات ئېلان قىلىپ، شىركەتنىڭ ئۆتكەن يىلى «ئانقا» ئېكسپورتى توغرىسىدا كېلىشىم تۈزىگەن قازاقىستان بىلەن يېڭى بىر ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم بوشلۇقى سانائىتى ھەسسىدارلىق شىركىتى  بىلەن قازاقىستان ئىنژېنېرلىق شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ روھىغا ئاساسەن، «ئانقا» قازاقىستاندا بىرلىكتە ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. ئاسراش ۋە رېمونت قىلىش جەريانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخنىكا يۆتكەش مەسىلىسىدىمۇ ھەمكارلىق ئورنىتىلىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، قازاقىستان «ئانقا»نىڭ تۈركىيە سىرتىدىكى تۇنجى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندى. قازاقىستاندا بۇ ساھەدە ئادەم كۈچى بايلىقىنى زورايتىش ۋە دۆلەتنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مۇھىم بىر قەدەم تاشلانغان بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر