توكايېۋنىڭ ئىككى كۈنلۈك تۈركىيە زىيارىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ
قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋنىڭ تۈركىيەدىكى ئىككى كۈنلۈك رەسمىي زىيارىتى بۈگۈن باشلىنىدۇ.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى توكايېۋنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە رەسمىي مۇراسىم بىلەن قارشى ئالىدۇ.
ئەردوغان-توكايېۋ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ھەر جەھەتتىن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؛ يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئىقتىساد بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 10 مىليارد دوللارلىق سودا مىقدارى نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرگە قاراپ چىقىلىدۇ، ساياھەت، ئېنېرگىيە، سەھىيە ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلار نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.
ئىككى رەھبەر رايون خاراكتېرلىك تەرەققىياتلار دائىرىسىدە، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بايرىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ياقلىنىدىغان يول خەرىتىسىگە قاراپ چىقىدۇ.
رەھبەلەر يەنە، 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
ئەردوغان مەنسەپدىشىنى تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىدىن ۋاقىپلاندۇرىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئەردوغان ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئەردوغان گوللاندىيە باش مىنىستىرى بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان گوللاندىيە باش مىنىستىرى مارك رۇتتې بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.