توكايېۋ ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى

قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توكايېۋ ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە پايتەخت ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى.

1824731
توكايېۋ ئەنقەرەگە يېتىپ كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت توكايېۋنى ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا جۇمھۇر رەئىس ياردەمچىسى فۇئات ئوقتاي، ۋالىيلىق مەھكىمىسى ۋە شەھەرلىك ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ نۇرسۇلتاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئۇفۇق ئەكىجى ۋە قازاقىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يەركەبۇلان ساپىيېۋ قاتارلىقلار كۈتۈۋالدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستان پىرېزىدېنتى توكايېۋنى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە رەسمىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ قارشى ئالدى.

ئەردوغان-توكايېۋ ئۇچرىشىشىدا، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر ھەر جەھەتتىن مۇھاكىمە قىلىنىدۇ؛ يىغىننىڭ ئاساسلىق تېمىسى ئىقتىساد بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى 10 مىليارد دوللارلىق سودا مىقدارى نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەرگە قاراپ چىقىلىدۇ، ساياھەت، ئېنېرگىيە، سەھىيە ۋە مۇداپىئە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقلار نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ئىككى رەھبەر رايون خاراكتېرلىك تەرەققىياتلار دائىرىسىدە، تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى بايرىقى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ ۋە ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ياقلىنىدىغان يول خەرىتىسىگە قاراپ چىقىدۇ.

رەھبەلەر يەنە، 24 – فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

ئەردوغان مەنسەپدىشىنى تۈركىيەنىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىدىن ۋاقىپلاندۇرىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر