ھۇلۇسى ئاكار قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇسلان جاقسىلكوۋ بىلەن كۆرۈشتى.

1824470
ھۇلۇسى ئاكار قازاقىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستان پىرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېۋنىڭ زىيارەت دائىرىسىدە، تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن رۇسلان جاقسىلكوۋ، پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ھەربىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋۋلىندى.

ھۇلۇسى ئاكار بىلەن رۇسلان جاقسىلكوۋنىڭ كۆرۈشۈشىدە، ئىككى دۆلەت ۋە رايونلۇق مۇداپىئە مەسىلىلىرى، ھەمدە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى بويىچە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ھۇلۇسى ئاكار كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق تارىخىي قىممەتلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.

ئۇ 2019-يىلى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمىنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلەرگە مۇھىم يۆنىلىشلەرنى بەلگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھەربىي تەلىم-تەربىيە ھەمكارلىقى ۋە مۇداپىئە سانائىتى مەسىلىلىرىدىكى مەۋجۇت مۇناسىۋەتلەرنىڭ كۈچەيگەن ھالدا داۋاملىشىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر