ئامېرىكا پۇقراسى كۇبالىق سېستىرا ئەرتۇغرۇل غازى ئۈچۈن بىلەجىككە يېتىپ كەلدى

ئامېرىكانىڭ مىئامى شەھىرىدە سېستىرا بولۇپ ئىشلەيدىغان كۇبالىق ياجكارا تېكىدو موراتاللا تارىخ ئوقۇتقۇچىسىدىن ئاڭلىغان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى (1299) ئوسمان بەينىڭ دادىسى ئەرتۇغرۇل غازىنى يېقىندىن  تونۇش ئۈچۈن بىلەجىككە يېتىپ كەلدى.

1824129
ئامېرىكا پۇقراسى كۇبالىق سېستىرا ئەرتۇغرۇل غازى ئۈچۈن بىلەجىككە يېتىپ كەلدى
kubali hemsire ertugrul.jpg
kubali hemsire ertugrul.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: موراتاللا شەيخ ئەدەبالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن ئالدىنقى يىلى پىنسىيەگە چىققان مۇرات ئىشىق بىلەن ئىككى يىل ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا تونۇشقان بولۇپ،  ئۇ مۇرات ئىشىقنىڭ مېھمىنى سۈپىتىدە ئىككى ھەپتە ئىلگىرى بىلەجىكقا يېتىپ كەلدى.

كۇبالىق سېستىرا موراتاللا ئەرتۇغرۇل غازى ۋە (دىنىي ئالىم) شەيخ ئەدەبالىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغاندا قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە ئارزۇسىنىڭ ئاخىرى ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

موراتاللا تۈرك خەلقىنىڭ سەمىمىيلىكىگە ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «مەن تارىخ ئوقۇتقۇچىسىدىن ئەرتۇغرۇل غازىنى ئاڭلىغان ئىدىم ۋە ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ئىدىم. كېيىن «دىرىلىش ئەرتۇغرۇل» ۋە «قۇرۇلۇش ئوسمان» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆردۈم. ناھىيىتىمۇ ئېسىل ھېكايىلىرى بار، ئاخىرى ئارزۇيۇمغا يەتتىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر