ئەمىنە ئەردوغان شېھىت ئانىلارنى ۋە بالا دەردى بىلەن سىنالغان بارلىق ئانىلارنى ئەسلىگەنلىكىنى ئېيتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغان ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن شېھىت ئانىلارنى ۋە بالا دەردى بىلەن سىنالغان بارلىق ئانىلارنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1823587
ئەمىنە ئەردوغان شېھىت ئانىلارنى ۋە بالا دەردى بىلەن سىنالغان بارلىق ئانىلارنى ئەسلىگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەمىنە ئەردوغان ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە ھېسابىدا  ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «ئانىلار يەلكىلىرىدە دۇنيانىڭ ئېغىرلىقىنى، يۈرەكلىرىدە ئەۋلادلىرىنى كۆتۈرىدۇ. ئانا يۈرىكى شۇ قەدەر چەكسىزكى، ھەرقانداق سۆيگۈسىزلىكنى مىھرى - شەپقەت بىلەن يېڭىلەيدىغان قۇدرەتكە ئىگە. ئانىلىق تۇيغۇسىنى چىن دىلىدىن ھېس قىلغان، كۆيۈمچانلىقى بىلەن دۇنيانى قۇچاقلىغان بارلىق ئاياللارغا ئەڭ قەلبىي مۇھەببەتلىرىم بىلەن سالام يوللايمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئەمىنە ئەردوغان ئارقىدىن ھەمبەھىرلىگەن يازمىسىدا يەنە مۇنداق دېدى:

«بۈگۈنكى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن شېھىت ئانىلىرىمىزنى ۋە بالا دەردى بىلەن سىنالغان بارلىق ئانىلارنى مىننەتدارلىق بىلەن ئەسلەيمەن. دىيارباكىر ئانىلىرىنىڭ سېغىنىشلىرىنىڭ بالدۇرراق يېنىكلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن. بىرەر بالا بېقىۋالغان ئانىلىرىمىزغىمۇ مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن».



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر