تۈركىيە كۇباغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا تۈنۈگۈن بىر مېھمانسارايدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە  باياناتى ئېلان قىلدى.

1823394
تۈركىيە كۇباغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ،  كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا تۈنۈگۈن بىر مېھمانسارايدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى ۋە پارتلاشتا كۆپ ساندا كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ھالدا  خەۋەر تاپقانلىقى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «پارتلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن – يورۇقلىرىغا، دوست كۇبا خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىگە چىن دىلىمىزدىن تەزىيە بىلدۈرىمىز، يارىلانغانلارغا شىپالىق تىلەيمىز.»

كۇبانىڭ پايتەختى ھاۋانادا تۈنۈگۈن بىر مېھمانسارايدا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 22 كىشى قازا قىلغان، 14 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 70 كىشى يارىلانغانىدى.

كۇبا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،  «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن، ئۇدا 2 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان تاقاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ۋە 10 – ماي كۈنى ئېچىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان تارىخىي مېھمانسارايدا، يېقىندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رېمونت قىلىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە تۇرۇبىلارغا گاز بېرىلىۋاتقاندا پارتلاش يۈز بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر