ئاقار لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دانىيېل دې زىئانكان بىلەن كۆرۈشتى.

1822885
ئاقار لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار،  لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دانىيېل دې زىئانكاننى تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدا ھەربىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئالدى.

لىۋىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دانىيېل دې زىئانكاننىڭ شەرەپ دەپتىرىنى ئىمزالىشىدىن كېيىن، ئىككى مىنىستىر ئايرىم كۆرۈشتى.

ئۇچرىشىشتا، تۈركىيە – لىۋىيە مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق مۇداپىئە ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى، ھەمدە  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھەربىي تەلىم - تەربىيە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى كۈرەشتە ھەمكارلىق ئورنىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر