ئاكار رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى شويگۇ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى سېرگېي شويگۇ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1821600
ئاكار رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرى شويگۇ بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھۇلۇسى ئاكار بىلەن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇنىڭ تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، ھۇلۇسى ئاكار ئىنسانىي ۋەزىيەتنىڭ نورماللىشىشى ۋە رايوندا خاتىرجەملىك ھەمدە مۇقىملىقنىڭ قايتىدىن ئورنىتىلىشى ئۈچۈن دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە، مارىيۇپول قاتارلىق ئۇرۇش رايونلىرىدىن پۇقرالارنى بىخەتەر ھالدا قۇرۇقلۇقتىن ياكى دېڭىز يولىدىن تارقاقلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مەسىلىسىنى ھەر جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان تۈركىيەنىڭ، رايوندا تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى ئۈچۈن ئىلگىرى قىلغىنىغا ئوخشاش، بۇندىن كېيىنمۇ ئۈستىگە چۈشكەن ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر