ئەردوغان: سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز  ئورتاق مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ساغلاملىق، ئېنېرگىيە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، مۇداپىئە سانائىتى ۋە پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1820306
ئەردوغان: سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىمىز  ئورتاق مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن
erdoğan veliaht prens.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىلىرىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇدنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يېتىپ بارغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىككى ھەرەمنىڭ خادىمى پادىشاھ سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇدنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن سەئۇدى ئەرەبىستاندا زىيارەتتە بولدۇق. تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئىگە ئىككى قېرىنداش دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئارىمىزدىكى تۈرلۈك سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋرنى باشلاشقا تىرىشىۋاتىمىز.»

سەئۇدى ئەرەبىستان – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى  تۈرلۈك ھەمكارلىقلار توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ساغلاملىق، ئېنېرگىيە، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، دېھقانچىلىق تېخنىكىسى، مۇداپىئە سانائىتى ۋە پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىمىزنى كۈچەيتىشنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىمىزگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. قايتا ھاسىل بولىدىغان ۋە پاكىز ئېنېرگىيە تېخنولوگىيەلىرىدە مۇھىم يوشۇرۇن كۈچىمىزنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. بىز ھەر سورۇندا <پارس قولتۇقى> رايونىدىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئوخشاشلا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتىمىز. بىز ھەر خىل شەكىلدىكى تېررورلۇققا قارشى ئىكەنلىكىمىزنى ۋە رايونىمىزدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېررورىزمغا قارشى ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز. مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ھەر ساھەدە ئۆتمۈشتىن ھالقىتىپ يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزەلەيدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن. رەببىمىزنىڭ رەھىم-شەپقىتى، مەغپىرىتى ۋە كۆيۈمچانلىقى روھىي دۇنيامىزنى قورشاپ تۇرۇۋاتقان مۇبارەك رامىزان ئېيىدىكى بۇ زىيارىتىمىز،  دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن يېڭى دەۋرنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئاچىدۇ.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

تۈنۈگۈن (28-ئاپرېل) كەچ تەرەپلەردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جىددە شەھىرىگە يېتىپ بارغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد تەرىپىدىن رەسمىي مۇراسىم ئارقىلىق قارشى ئېلىنغانىدى.

قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىن ئابدۇلئەزىز ئەسسۇئۇد، ئاخبارات ۋاستىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئايرىم كۆرۈشكەندىن كېيىن، كەچلىك تاماق زىياپىتىگە قاتناشقانىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، كېيىنچە سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

ئەلسالام سارىدىكى ئۇچرىشىش، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا بەرگەن باياناتىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان زىيارىتى ئەسناسىدا، تۈركىيە – سەئۇدى ئەرەبىستان مۇناسىۋەتلىرىنى كەڭ دائىرىلىك كۆزدىن كەچۈرىدىغانلىقلىرىنى، ھەمدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيە يەتكۈزۈش ئىمكانىيەتلىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر