مۇشتا  «ئەرەن قامال - 8» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى

مۇشتا 588 خادىمنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «ئەرەن قامال  - 8 شېھىت ئىجرا قىلىش، قوغداش خادىمى جەنگىز يىگىت» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى.

1820433
مۇشتا  «ئەرەن قامال - 8» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەت كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە ، مۇشتا  ئەرەن قامال  - 8 شېھىت ئىجرا قىلىش، قوغداش خادىمى جەنگىز يىگىت» زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، مۇش قوراللىق ساقچى قىسىم قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتكە، قوراللىق ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترىتى، ساقچى قىسىم ئالاھىدە ئەترىتى، قوراللىق ساقچى ۋە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىدىن تەشكىل تاپقان 588 خادىم قاتناشماقتا ئىكەن.

دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن «ئەرەن قامال» زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا كەسكىن داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر