دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەدە « ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
1820190
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىمىز داۋاملاشماقتا. رايوندىكى ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يېمەك - ئىچمەك ياردەم قىلىنماقتا، ھەمدە ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى تەكشۈرتۈلۈپ، بىمارلارنى داۋالاش خىزمىتى داۋاملاشماقتا.»