تۇنجەلىدىمۇ ئەرەن قورشاۋ ھەرىكەتلىرى باشلاندى

تۇنجەلىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «7-ئەرەن قورشاۋ» ھەرىكىتى باشلاندى.

1819616
تۇنجەلىدىمۇ ئەرەن قورشاۋ ھەرىكەتلىرى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تۇنجەلىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى «7-ئەرەن قورشاۋ» ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ھەرىكەتتە 622 خادىم، 40 ئەترەتنىڭ ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكى؛ ھەرىكەتنىڭ بىرىنچى كۈنىدە تۇنجەلى ۋىلايىتى بۇزلۇتەپە رايونىدا بايقالغان بەش پاناھلىنىش جايىدا نۇرغۇن ھۆججەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

مەملىكەت ئىچىدە تېررورلۇقنى پۈتۈنلەي كۈنتەرتىپتىن چىقىرىش ئۈچۈن باشلانغان قورشاۋ ھەربىي ھەرىكەتلىرى قەتئىيلىك بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر