تىكا ئافغانىستاندىكى موھتاجلارغا 68 توننا يېمەكلىك ياردىمى بەردى
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى — تىكا، رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ۋىلايەتلەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە يېمەكلىك ياردىمى بەردى.
1819619
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تىكا ھېرات پروگراممىسى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، رامىزان ئېيى يېمەكلىك ياردىمى پىلانى دائىرىسىدە غەربىي رايونغا جايلاشقان ۋىلايەتلەردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرگە 68 توننا يېمەكلىك ماتېرىيالى تارقىتىپ بېرىلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
رامىزانلىق يېمەك – ئىچمەكلەر يېتىم – يېسىرلار پاراۋانلىق ئورۇنلىرى ۋە مېيىپلار جەمئىيەتلىرى ھەمدە ھېرات، گور، فەراھ ۋىلايەت مەركەزلىرى بىلەن بادگىس ۋە نىمرۇز ۋىلايەتلىرىنىڭ چەت – ياقا ناھىيەلىرىدىكى موھتاجلارغا تۈركىيەنىڭ ھېراتتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى سىنان ئىلخاننىڭ ھەمراھلىقىدا تارقىتىپ بېرىلدى.
شۇنداق قىلىپ، بۇ قېتىم ئېھتىياجلىق 900 ئائىلىگە ياردەم بۇلاقلىرى يەتكۈزۈپ بېرىلگەن بولدى.