ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى 8- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى شۈكرۈ ئەمرە ئەرەنگە ئۆتكۈزۈپ بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ قايتىدىن دۇنيانىڭ رەھبەرلىكىگە ئىنتىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا دۆلىتى ۋە خەلقى بىلەن قايتىدىن يۈكسېلىشتە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1817020
ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى 8- سىنىپ ئوقۇغۇچىسى شۈكرۈ ئەمرە ئەرەنگە ئۆتكۈزۈپ بەردى
erdoğan.jpg
Erdoğan çocuklarla buluştu 3.jpg
erdogan 23 nisan koltuk devretme.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 23-ئاپرېل دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بالىلار بايرىمى پائالىيىتى دائىرىسىدە، تۈنۈگۈن دۆلەت مائارىپ مىنىستىرى مەھمۇت ئۆزەر ۋە ھەمراھلىقىدىكى 11 ئۆسمۈرنىڭ زىيارىتىنى ئىستانبۇلدىكى ۋاھدەتتىن سارىيىدا قوبۇل قىلدى.

مېھمانلار بىلەن بىر-بىرلەپ كۆرۈشۈپ چىققان ئەردوغان، ۋەزىپىسىنى 8-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى شۈكرۈ ئەمرە ئەرەنگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

ئەردوغان ئەرەنگە: «ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىسىمىز خۇش كەپسىز» دەپ خىتاب قىلدى. ئەرەنمۇ ئەردوغانغا: «خۇش كەلدۇق ۋە خوشاللىقىڭىزنى كۆردۈق» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە، بالىلارنىڭ 23-ئاپرېل دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى غازى مۇستاپا كامال ئاتاتۈركنىڭ بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنت) نىڭ ئېچىلىش كۈنى  بولغان 23-ئاپرېلنى كەلگۈسىنى ئويلاپ بالىلارغا ھەدىيە قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىز دۇنيا بويىچە تارىخىي يىلتىزى ئەڭ چوڭقۇر دۆلەت ئەنئەنىسىگە ئىگىمىز. مىللىتىمىز باشقا خەلقلەرنى ئۆزىگە ھەيران قالدۇرغان كۈرەشلىرى، ئىرادىسى، تىرىشچانلىقى ۋە جاسارىتى بىلەن نەچچە مىڭ يىل مابەينىدە مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. مانا بۈگۈن تۈركىيە قايتىدىن دۇنيانىڭ رەھبەرلىكىگە ئىنتىلمەكتە. دۆلىتى بىلەن شۇنداقلا ئىنسانيەتنىڭ ۋىجدانىنى، شەپقىتىنى ۋە ئۈمىدىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەشتۈرگەن مىللىتى بىلەن يېڭى بىر يۈكسېلىش باسقۇچىدا تۇرماقتا. مەن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن يەردىن تاپشۇرۇپ ئالىدىغان بۇ مۇبارەك بايراقنى ھەممىلا ساھەدە دۇنيانىڭ چوققىسىغا ئېلىپ چىقىشىڭلارنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىمەن.»

ئەردوغان سۆزىدىن كېيىن شۈكرۇ ئەمرە ئەرەنگە خىتاب قىلىپ: «مىكروفوننى جۇمھۇر رەئىسىمىزگە تاپشۇرۇپ بېرەيلى» دېدى.

ئەرەن بارلىق ساۋاقداشلىرى نامىدىن ئورۇندۇقنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ئۇلارنى كۈتۈۋالغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى ۋە بارلىق ئۆسمۈرلەرنىڭ 23-ئاپرېل بايرىمىنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر