ھۇلۇسى ئاكار تاجىكستان دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرىنى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكار تاجىكستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شىرئەلى مىرزو بىلەن كۆرۈشتى.

1815822
ھۇلۇسى ئاكار تاجىكستان دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرىنى كۈتۈۋالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھۇلۇسى ئاكارنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئەنقەرەگە يېىتپ كەلگەن تاجىكستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شىرئەلى مىرزو ھەربىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى.

ئىككى مىنىستىر دەسلەپتە ئايرىم كۆرۈشتى، ئارقىدىن ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈلدى.

كۆرۈشۈشلەردە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە رايونلۇق مۇداپىئە، خەۋپسىزلىك بىلەن مۇداپىئە سانائىتىدە ئۆزئارا ھەمكارلىق ئورنىتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ھۇلۇسى ئاكار تۈركىيە بىلەن تاجىكستان ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق ئېتىقاد، تارىخىي ۋە مەدەنىيەت رىشتىلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، چېگرا بىخەتەرلىكى، تېررورلۇققا قارشى كۈرەش مەسىلىلىرىدە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.

ئۇ تاجىكستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى شىرئەلى مىرزوغا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي تەلىم-تەربىيە ھەمكارلىقىنىڭ كۈچەيتىلىشىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئەسكەرتتى.

قەيت قىلنىشىچە، ھۇلۇسى ئاكار بىلەن شىرئەلى مىرزو ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشتىن كېيىن، تۈركىيە-تاجىكستان ھەربىي رامكا كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. ئارقىدىن قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىغا بېرىپ، ھەرىكەت مەركىزىنى زىيارەت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر