ئەردوغان قۇددۇس دەۋاسىنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «پۈتۈن دۇنيا سۈكۈت قىلغان تەقدىردىمۇ، بىز قۇددۇس دەۋامىزنى ئەڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز» دېدى.

1815254
ئەردوغان قۇددۇس دەۋاسىنى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس، قوشۇمچە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى رەئىسى ئەردوغان، پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللىي مەجلىسىدىكى گۇرۇپپا يىغىنىدا سۆز قىلىپ: «قۇددۇستىكى ئەلئەقسا مەسجىدىنىڭ شەخسىيىتىگە قىلىنغان يېقىنقى كۈنلەردىكى يېڭى ھۇجۇملار قەلبىمىزنى يەنە بىر قېتىم داغلىدى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىز كۆرۈشكەن ھەر بىر ئىسرائىلىيەلىك رەھبەرگە قۇددۇسنىڭ سالاھىيىتى توغرىسىدىكى سەزگۈرلۈكىمىزنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەپ كەلدۇق، شۇنداق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. خەلقئارا جەمئىيەتنى پەلەستىنلىكلەرگە قىلىنغان ئادالەتسىزلىككە سەزگۈر بولۇشقا چاقىردۇق، چاقىرىشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ مەسىلىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ ئېنىق بولۇشىغا قارىماي، قەستەن ھالدا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلىنىۋاتقان بولسا، ئۇ ھالدا بۇ باشقا پىلانلارنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىمىز ئۈچۈن باسقان قەدەملىرىمىز باشقا، قۇددۇس دەۋاسى باشقىدۇر. پۈتۈن دۇنيا سۈكۈت قىلغان تەقدىردىمۇ، بىز قۇددۇس دەۋامىزنى ئەڭ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن داۋاملاشتۇرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، پەلەستىن دۆلەت رەئىسى مەھمۇد ئابباس، ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ ئەلھۇسەيىن ۋە ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبەتلىرىدە، ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «بىز بۇ مۇبارەك كۈنلەردە قۇددۇستا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر