تۈركىيەنىڭ بالىلار نوپۇسى ياۋروپادا ئەڭ كۆپ
تۈركىيەنىڭ ئۆتكەن يىلى (2021) ئاخىرىدىن تارتىپ 22 مىليون 738 مىڭ 300 دەپ بېكىتىلگەن بالىلار نوپۇسى، دۆلەت نوپۇسىنىڭ %26.9 نى تەشكىل قىلىدۇ.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 2021-يىلغا مۇناسىۋەتلىك بالىلار نوپۇسىنى ئېلان قىلدى.
ئادرېسقا تايانغان نوپۇس ئارخىپى سىستېمىسىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، 2021-يىلنىڭ ئاخىرىدىن تارتىپ تۈركىيە نوپۇسى 84 مىليون 680 مىڭ 273 بولۇپ، بۇنىڭ 22 مىليون 738 مىڭ 300 نى بالىلار تەشكىل قىلغان. بالىلار نوپۇسىنىڭ %51.3 نى ئوغۇللار، %48.7 نى قىزلار ئىگىلەيدىكەن.
ب د ت نىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاساسلانغاندا، 17-0 ياش گۇرۇپپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بالىلار نوپۇسى 1970-يىلدىكى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %48.5 نى تەشكىل قىلغان بولسا، 1990-يىلى %41.8 نى، 2021-يىلى %26.9 نى تەشكىل قىلغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ بالىلار نوپۇسى ئانالىز قىلىنغاندا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 2021-يىلدىكى بالىلار نوپۇسىنىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتى %18.2 بولغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە بالىلار نوپۇسى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەر ئىرېلاندىيە %23.9، فىرانسىيە %21.5، شىۋېتسىيە %21.1 بولغان.
بالىلار نوپۇسى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەر ئىتالىيە %15.8، مالتا %15.9، پورتۇگالىيە ۋە گېرمانىيە %16.5 بولغان.
تۈركىيەنىڭ بالىلار نوپۇسىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭكىدىن 26.9% يۇقىرى ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.