ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 26 گە يەتتى

ئىراقنىڭ شىمالىدا داۋاملىشىۋاتقان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى تېررورچىلارنىڭ سانى 26 گە يەتتى.

1814402
ئىراقنىڭ شىمالىدا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 26 گە يەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئىراقنىڭ شىمالىدا تۈنۈگۈن باشلانغان «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا بىر تەرەپ قىلىنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك مەنسۇبى تېررورچىلارنىڭ سانى 19 دىن 26 گە يەتكەن.

بۇ ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، پارتلاتقۇچنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە بىر ئەسكەر شېھىت بولغانىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىدىن چىقىرىۋېتىش ۋە رايوندا يوشۇرۇنۇۋالغان تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە، ھاققارىدا «ئەرەن قامال -2» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى، بۇ ھەربىي ھەرىكەتكە، 654 ھەربىي خادىمدىن تەشكىل تاپقان 42 ئالاھىدە ئەترەتنىڭ قاتنىشىۋاتقانلىقى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلگەنىدى: «دۆلەت مىقياسىدا تېررورىزمنى ئۈزۈل - كېسىل يوقىتىش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان <ئەرەن قامال> ھەربىي ھەرىكەتلىرى، خەلقىمىزنىڭ قىزغىن قوللىشى ئاستىدا كەسكىن داۋاملاشماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر