ئەردوغان ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ ئىككىنچى بىلەن تېلېفونلاشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا ئىككىنچى بىلەن تېلېفونلىشىپ، پەلەستىندىكى ۋەقەلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

1814242
ئەردوغان ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ ئىككىنچى بىلەن تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، يېقىندا ئوپېراتسىيەدىن چىققان پادىشاھ ئابدۇللاھتىن ھال سورىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا سالامەتلىك تىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رامىزان ئېيىدا ئىسرائىلىيەنىڭ مۇداخىلىلىرى نەتىجىسىدە پەلەستىندە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئۆزىنى قايغۇ ۋە ئەندىشىگە مۇپتىلا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان: «بىز ھۆرمەتلىك ئابدۇللاھ بىلەن تۈركىيە بىلەن ئىيوردانىيەنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەردە يېقىندىن ھەمكارلىشىشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر