ئەرباش شىۋېتسىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىنىشىنى لەنەتلىدى

دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئەلى ئەرباش شىۋېتسىيەدە ئىسلام دۈشمىنى ئىرقچى گۇرۇپپىلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە ئوچۇق – ئاشكارا ۋە ئىغۋاگەرلەرچە ھۇجۇم قىلىشىنى لەنەتلىدى.

1814311
ئەرباش شىۋېتسىيەدىكى قۇرئان كەرىمگە ھۇجۇم قىلىنىشىنى لەنەتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەلى ئارباش،  شىۋېتسىيەدە ئىسلام دۈشمىنى ئىرقچى گۇرۇپپىلارنىڭ قۇرئان كەرىمگە ئوچۇق – ئاشكارا ۋە ئىغۋاگەرلەرچە ھۇجۇم قىلىشىنى قاتتىق ئەيىبلەش ۋە لەنەتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسلام دۈشمىنى  بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان روھىي دۇنياسى كېسەل ئۇنسۇرلاردىن بۇنداق قەبىھ قىلمىشلىرىغا دەرھال خاتىمە بېرىشىنى  كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «شىۋېتسىيەدىكى ئىسلام دىنىغا دۈشمەنلىك قىلىدىغان ئىرقچى گۇرۇپپىلارنىڭ مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمگە قىلغان ئوچۇق – ئاشكارا ۋە ئىغۋاگەرلەرچە ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن ھەم لەنەتلەيمەن. ئالاقىدار تارماقلارنىڭ، بۇ مۇبارەك رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمانلارغا ۋە مۇقەددەس كىتابىمىز قۇرئان كەرىمگە قارىتىلغان بۇ ھۇجۇملارغا قارشى زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللانماسلىقىنى، ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا نەپرەت جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان بۇ ئۇنسۇرلارغا كۆز يۇمۇشىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. ئىسلام دۈشمىنى  بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان روھىي دۇنياسى كېسەل ئۇنسۇرلاردىن بۇنداق قەبىھ قىلمىشلىرىغا دەرھال خاتىمە بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمەن، ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى بۇ ئۇنسۇرلارغا قارشى ئاڭلىق ھالدا ئورتاق كۈرەش قىلىشقا چاقىرىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر