تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئىسلامئاباد ۋە سىرېبرېنىتسا شەھىرىدە يېتىملار ئۈچۈن پىروگرامما ئۇيۇشتۇردى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا 200 پاكىستانلىق يېتىم بالىغا شۇنداقلا بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ  سىرېبرېنىتسا شەھىرىدە «15 رامىزان دۇنيا يېتىملار كۈنى» ناملىق ئىپتار پىروگراممىسى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردى.

1813779
تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئىسلامئاباد ۋە سىرېبرېنىتسا شەھىرىدە يېتىملار ئۈچۈن پىروگرامما ئۇيۇشتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى پاكىستان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ئىبراھىم كارلوس جامىلو پايتەخت ئىسلامئابادتىن 20 كىلومىتىر يىراقلىقتىكى بارا كاھۇ رايونىدا يېتىم بالىلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

جامىلو «15 رامىزان دۇنيا يېتىملار كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن 200 يېتىم بالىغا ئىپتار پىروگراممىسى ئۇيۇشتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ۋە بالىلار بىلەن بىللە ۋاقىت ئۆتكۈزۈپ،  ئۇلارنى خۇشال قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بوسنىيە – گېرىتسېگوۋىنانىڭ سىرېبرېنىتسا شەھىرىدىكى ئىپتاردا بولسا، «1995-يىلدىكى سىرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» دا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار خاتىرىلەندى.

سىرېبرېنىتسادا ئىپتار پىروگراممىسىدىن باشقا يەنە، رامىزان يېمەكلىكلىرى ياردىمىمۇ تارقىتىپ بېرىلدى. شەھەردىكى ئېھتىياجلىق 100 ئائىلىگە رامىزانلىق ياردەم تارقىتىلدى.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، روزا ھېيتتىن ئىلگىرى 100 يېتىم بالىغا ھېيتلىق ياردەم تەييارلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر