ئەردوغان سەنئەتچىلەرگە ئىفتار بەردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، «قوللاشلىرىمىز بىلەن سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ ئەمگەكلىرىگە ئىگە چىقماقتىمىز» دېدى.

1813389
ئەردوغان سەنئەتچىلەرگە ئىفتار بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈنۈگۈن ئىستانبۇل دولماباھچە سارىيىدا سەنئەتچىلەر بىلەن كۆرۈشكەن ئىپتار پروگراممىسىدىكى نۇتۇقىدا، تەرەققىيات يولىدا ئىلگىرىلەۋاتقان جەمئىيەتلەرنى بىر-بىرىدىن پەرقلەندۈرىدىغان ئۆزگىچىلىكىنى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان پەرقنىڭ بىناكارلىقتىن مۇزىكىغىچە كەڭ دائىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كۈلتۈر - سەنئەت مەھسۇلاتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «سەنئەتچى جەمئىيەتنىڭ ئەينىكىدۇر، جەمئىيەتنىڭ بايلىقى، خۇشاللىقى، دەردى ۋە خىيالى سەنئەتچىسىنى  شەكىللەندۈرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ» دېدى ھەمدە ئىلھامىنى بۇ تۇپراقتىن، بۇ مىللەتتىن، بۇ مەدەنىيەتتىن ئالغان ھېچقانداق سەنئەت ئەسىرىنىڭ مەغلۇپ بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ يەنە مۇنداق دېدى:

«بىزمۇ قوللاشلىرىمىز بىلەن سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرۇپ كەلدۇق. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىسلىك سىمفونىيە ئوركېستىراسىنىڭ يېڭى بىناسى ۋە ئىستانبۇلدا ئاتاتۈرك كۈلتۈر مەركىزىنى خىزمەتكە ئېچىپ، دۆلىتىمىزنى دۇنياۋى سەۋىيەدىكى سەنئەت مەركىزىگە ئىگە قىلدۇق. بۈيۈك ۋە كۈچلۈك تۈركىيە قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئەمدىلىكتە سەنئەتچىلىرىمىزنىڭ يەلكىسىدە. كۈلتۈر ۋە سەنئەت بىلەن تاجلاندۇرۇلمىغان بىر تەرەققىيات ھەرىكىتى پەقەتلا تاشتىن، بېتوندىن، تۆمۈردىن، شېشىدىن ۋە مېتالدىن ئىبارەت بولۇپ قالىدۇ. ھالبۇكى بىز قۇپ قۇرۇق تەرەققىيات ھەرىكىتىنى ئەمەس، بەلكى بىر مەدەنىيەت گۈللىنىشىنى نىشان قىلدۇق. بۇنى ئىنشائاللاھ سىلەر بىلەن بىرلىكتە ئەمەلگە ئاشۇرىمىز».

بۇ ئارىلىقتا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئايالى ئەمىنە ئەردوغانمۇ سەنئەتكارلار بىلەن ئىپتاردىن كېيىن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، «سەنئەتكارلار جامائەتچىلىكىدىكى قىممەتلىك كىشىلەر بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، يېقىملىق بىر كەچنى ئۆتكۈزدۈق. ئەسەرلىرى بىلەن قەلبلەرنى تەسىرلەندۈرگەن سەنئەتكارلىرىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن كۈلتۈر ۋە سەنئەت مىراسلىرىمىزدا مەڭگۈلۈك ئىزلارنى قالدۇرىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ تۆھپىسى ۋە ئىشتىراكلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر