ئەردوغان ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھاققارى ۋىلايىتىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدىكى 3 - پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تېررورىزمغا قارشى كۈرەش ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن ھاققارى ۋىلايىتىنىڭ يۈكسەكوۋا ناھىيەسىدىكى 3-پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدى.
ئاشخانىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئەسكەرلەرگە سالام بەرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، شام نامىزى ئەزىنىدىن كېيىن، ھەمراھلىقىدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار ۋە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەرقايسى دەرىجىلىك قوماندانلىرى بىلەن بىرلىكتە كارۋاندا ئىپتار قىلدى.
ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۈگۈن كەچتە ھاققارى ۋىلايىتىنىڭ يۈكسەكئوۋا ناھىيەسىدىكى 3 - پىيادە ئەسكەرلەر دېۋىزىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قىممەتلىك ھەربىي خادىملار بىلەن بىرلىكتە ئىپتار قىلدۇق. رەببىم ھەر بىر ئەسكىرىمىزدىن رازى بولسۇن، ھەر بىرىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن، ھەر بىر ھەرىكىتىدە زەپەر ئاتا قىلسۇن!»