تۈركىيە ئۇكرائىناغا 67 يۈك ماشىنىسىدا ئىنسانپەرۋەلىك ياردىمى يەتكۈزگەن

تۈركىيە ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشى باشلانغاندىن تارتىپ بۈگۈنگىچە رايونغا 67 يۈك ماشىنىسىدا ئىنسانپەرۋەلىك ياردىمى ۋە ئىككى دانە ئاشخانا ئاپتوموبىل يەتكۈزدى.

1811597
تۈركىيە ئۇكرائىناغا 67 يۈك ماشىنىسىدا ئىنسانپەرۋەلىك ياردىمى يەتكۈزگەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ئۇكرائىناغا ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا بىلدۈرۈلىشىچە، تۈركىيە ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ مۇھىم كۈندىلىك ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى ئۈچۈن مەزكۇر ئىدارىنىڭ كوردىناتسىيەسى ئاستىدا، مۇناسىۋەتلىك ئىدارە-ئورگانلار ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن تەييارلانغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنى رايونغا يەتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىكەن.

تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى تۈركىيە 27-فېۋرال (2022) باشلىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم سەپەرۋەرلىكى رامكىسىدا، رايونغا بۈگۈنگىچە 21 يۈك ماشىنىسىدا ھەر خىل ياردەملەر ۋە بىر دانە ئاپتوموبىل ئاشخانا يەتكۈزگەن.

سەھىيە مىنىستىرلىقى، شەھەر ۋە رايونلۇق ھۆكۈمەتلەر، تۈرك قىزىلئاي جەمئىيىتى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە خۇسۇسىي شىركەتلەر جەمئىي 46 يۈك ماشىنىلىق ياردەم بىلەن بىر دانە ئاپتوموبىل ئاشخانا يەتكۈزگەن.

ئاپتوموبىل ئاشخانا 12-مارتتىن 18-مارتقىچە رۇمېنىيەنىڭ سىرەت چېگرا ئېغىزىدا ئىسسىق تاماق تارقاتتى.

ئىككىنچى ئاپتوموبىل ئاشخانا 20-مارتتىن باشلاپ ئۇكرائىنانىڭ لۋىۋ شەھىرىدە ئىسسىق تاماق تارقىتىشنى باشلىدى.

ئۇكرائىنادا ئىنسانىي ئېھتىياجلارنى بەلگىلەش، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ۋە تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ياردەملەرنىڭ تارقىتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن تەبىئىي ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تۆت كىشىلىك ئىنسانپەرۋەرلىك گۇرۇپپىسى، سىرەت بىلەن لۋىۋ شەھىرىدە خىزمەتلىرىنى داۋام قىلماقتا.

سىرەت چېگرا ئېغىزىدا بۈگۈنگىچە تەخمىنەن 210 مىڭ يىشىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى تارقىتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر