قالىن ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باش كاتىپى ئېتتورې سېكۋىي بىلەن بىر يەرگە جەم بولدى.

1811468
قالىن ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى بايانات ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن، تۈنۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە، ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باش كاتىپى ئېتتورې سېكۋىي بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى دائىرىسىدە ئۇكرائىنادىكى ئۆزگىرىشلەر، ئۇرۇشنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى ۋە يەر شارىۋى ئىقتىسادغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرى، لىۋىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.

 تۈركىيە – ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدىكى تارىخىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 30 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى قەيت قىلىنغان، ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىدىكى زىچ ھەمكارلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر