تۈركىيە ياۋروپا قىزلار ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە 2- بولدى

11-نۆۋەتلىك ياۋروپا قىزلار ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە تۈركىيە ئىككىنچى بولدى.

1810755
تۈركىيە ياۋروپا قىزلار ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە 2- بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ۋېنگىرىيەنىڭ ئېگېر شەھىرىدە 11-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا قىزلار ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدا، تۈركىيە پەن-تېخنىكا تەتقىقات كېڭىشى (TUBİTAK) تەرىپىدىن 2022 يىللىق ئىلىم – پەن ئولىمپىك مۇسابىقىلىرى دائىرىسىدە قوللاپ قۇۋۋەتلەنگەن تۈرك ئوقۇغۇچىلاردىن ئىرەم گۈلچە، يازغان ئالتىن، مەلەك گۈنگۆر ۋە سەنا باشاران كۆمۈش مېدالغا، جەمرە چەتىن  مىس مېدالغا ئېرىشتى.

تۈركىيە بۇ مۇۋەپپەقىيەت بىلەن 11 -نۆۋەتلىك ياۋروپا قىزلار ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئومۇمىي نومۇر رەت تەرتىپى بويىچە 31  ياۋروپا دۆلىتى ئارىسىدا 2- بولدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا قىزلار ماتېماتىكا ئولىمپىك مۇسابىقىسىدىكى ئۇتۇقلىرىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ئېلان قىلدى.

ئايالى ئەمىنە ئەردوغان مۇۋەپپىققىيەت قازانغان ئوقۇغۇچىلارنى ئالاھىدە تەبرىكلىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر