تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ئۇچۇش مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى رۇسىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا تەۋەلىكىنى پۇقراۋى ئايروپىلان سەپەرلىرىگە تاقىشىدىن كېيىن، ئۇكرائىنا، بېلارۇسىيە، روستوۋ ۋە سوچىغا ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ۋاقتىنچە توختىتىش قارارىنى ئۇزارتتى.

1809477
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە ئۇچۇش مۇددىتىنى ئۇزارتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدىكى سەھىپىلىرىدە، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «2022 – يىلى 15 – مايغىچە تۈركىيەدىن ئۇكرائىنا، بېلارۇسىيە، روستوۋغا ۋە بۇ جايلايدىن تۈركىيەگە قارىتا ئۇچۇشلىرىمىز ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. شۇنداقلا، تۈركىيەدىن سوچىغا، سوچىدىن تۈركىيەگە قارىتا ئايروپىلان سەپەرلىرىمىز، 2022 – يىلى 18 – ئاپرېلغىچە بىكار قىلىندى. بېلەت ئالماشتۇرۇش ۋە بېلەتنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇش ئىشلىرى، بېلەت سېتىش ئورۇنلىرى، تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ تور بېتى ياكى <0 850 333 0 849 > نومۇرلۇق چاقىرىق مەكىزى ئارقىلىق بېجىرىلىدۇ.»

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر