ئەردوغان: روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 24-فېۋرالدا يۈز بەرگەن رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا توختىلىپ، «بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز » دېدى.
1806163

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىستانبۇلدا شەھىدلەر ئائىلىسى بىلەن ئىپتارلىشىش پروگراممىسىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
ئەردوغان، «ھەر ئىككىسى بىلەن يېقىن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە تارىخىي مۇناسىۋىتىمىز بولغان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز» دېدى ۋە ئىلگىرى سۈرىيەدە كۆرۈلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك پاجىئەلىرىنىڭ ئۇكرائىنادىمۇ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇ ئەھۋالنىڭ ۋەتەننى قوغداشنىڭ نە قەدەر مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «دۇنيا سودىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزغانلىقى ئۈچۈن سەلبىي تەسىرلىرىنى بىزمۇ ھېس قىلغان بۇ ئۇرۇشنىڭ بالدۇرراق ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.